بىز كىم؟

بىز ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن ھەرخىل شەكىلدە ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، كومپيۇتېر ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ھەرخىل تېخنىكا شىركەتلىرىدە كومپيۇتېر ئىنژىنىرلىقى، بۇلۇت تېخنىكىسى، تور بىخەتەرلىكى، توربەت لايىھىلەش، ئەپ ياساش ۋە سۈپەت تەكشۈرۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلار. بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ئۇچۇر تېخنىكىسى، كومپيۇتېر بىلىملىرى، كود يېزىش قاتارلىق ساھەلەر بىلەن تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا بۇ جەھەتتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، ھەرخىل دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارغا بۇ ئاساسنى سېلىش، بۇ كەسىپتە ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق ئۇلارغا خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇن خىزمەت جەريانىدىكى ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلىش، خىزمەت تېپىش كۆرۈشىشلىرىدە دائىم سورىلىدىغان سوئاللارنى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى تەييارلاش ئارقىلىق كۆرۈشىشتە سورايدىغان سوئاللارغا ئالدىن تەييارلىق قىلدۇرۇش. كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچۇرغان مەسىلىلىرى، سوئاللىرى ۋە قىيىن نۇقتىلارنى تور بېتىمىزدە يېزىش ئارقىلىق ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەڭ توغرا جاۋابقا ئېرىشتۈرۈش. بۇ ئارقىلىق ئۆگەنگۈچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ كەسىپكە تېخىمۇ قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە بۇ تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ خىزمەتكە چىقىشىغا، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئاز تولا بولسىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەملەرنى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بىزنىڭ يەنە ئاساسىي مەقسەتلىرىمىزدىن بىرى بولسا پۈتۈن ئۇيغۇرچە توربەت، يۇتۇپ قاناللىرى ۋە تىلفۇن ئەپلىرىنى بىر توربەتكە يېغىپ، بىر توربەتتىن مەزكۇر توربەتلەرگە ئېرىشىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە شۇ توربەت، يۇتۇپ قاناللىرى، تىلفۇن ئەپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم قىلىش. تور بېتىمىز يېڭى قۇرۇلغان بولۇپ، توربەتتە تېمىلار يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەرخىل مەزمۇنلارنى قوشۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىزدىگەن بىلىمىنى ئانا تىلدا ئۆگىنەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. توربەت ۋە يازمىلىرىمىز ھەققىدە تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى، توربېتىمىزنى يېقىن دوستلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشۇڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.