زۇلپىقار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىنگىلىز تىلىنى ئازراق ئۆگەنگەن لېكىن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت ،تۇرمۇش ،ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىنگىلىز تىلىنى كۈچەيتەلمەيۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەركىن ھالەتتە ،خالىغان جايدا ،تىلفۇن ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۈچۈن تەكرارلىنىشچان ئىنگىلىزچە 5000 سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
بۇ 5000 سۆزنىڭ تاللاش ۋە رەت تەرتىپ ئالاھىدىلىكى ، قانداق تاللانغانلىقى قاتارلىقلار بۇ چۈشەندۈرۈلگەن بۇلۇپ،ياخشى پايدىلنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ:
https://www.wordfrequency.info/freeList.asp?s=y
بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى پايدىلنىش ماتېرىيالى بۇلىشى مۇمكىن.بۇ ماتېرىيال ئۈچ خىل رەت تەرتىپ بۇلۇپ تەكرارلىنىش قېتىم سانى رەت تەرتىپى،ئېلىپبە رەت تەرتىپى،سۆز تۈركۈمى رەت تەرتىپى بۇيىچە بۇلۇپ،مەن تەكرارلىنىش رەت تەرتىپى بويىچە تەرجىمە قىلدىم.بۇنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن باشقا ئىككى خىلنىمۇ تەكرارلىۋەتسە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىكەن.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ 24سائەت ۋاقتىدىن چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ خالىغان جايدا (ماشىنىدا ،كارىۋاتتا،تازلىق ئۆيىدە ،خىزمەتنىڭ بوش ۋاقتىدا)ھەركۈنى توختىماي مۇشۇ جەدۋەل بۇيىچە سۆزلۈك ئۆگىنىڭ(ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىكنىڭ مۇھىملىقىنى باشقىلار دېسۇن) .
سۆزلىك ئۆگىنىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۆۋەندىكى قانالدا ياخشى تۇنۇشتۇرغان، مۇشۇ بۇيىچە ئۆگەنسىڭىز چوقۇم ياخشى ئۈگىنەلەيسىز:
https://youtu.be/vK2TC2VcvdI
مەن سىناپ باقتىم مەن كارانتىن بىر ئايدا5000 سۆزلىكنى ئۆگىنىپ بولدۇم،كۈنىگە 300تالدىن ئۆگىنىپ ئۈچ تۆت كۈندە بىر تەكرار قىلىپ بەردىم ،يەنە ئىككى ئاي ۋاقىت (كۈندە ئون سائەتتىن ئارتۇق)سەرپ قىلىپ بۇنى جەدۋەللەشتۈرۈپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ چىقتىم ، تەرجىمە توغرا بۇلىشى ئۈچۈن «ئېرپان ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە لۇغەت» ۋە گوگۇل تەرجىمانىنىڭ ياپونچە ئىنگىلىزچەنۇسخىسى،خىتايچە ئىنگىلىزچە نۇسخىسى،ئۆزبېكچە ئىنگىلىزچە نۇسخىدىن پايدىلاندىم ،جۈملە شەكلى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن لوڭمەن لوغىتىدىن پايدىلاندىم :
https://www.ldoceonline.com/
سۆزلەرنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا بۇنىمۇ تەڭ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.بۇنىڭدا جۈملە شەكلى ،ئىشلىتىش ئورنىدىن باشقا ئوقۇلۇشى ،ئۇرغۇ چۈشۈرۈش بوغۇمى،سۆز ئائىلىسى ۋە قوشما سۆز شەكلى بىللە چۈشەندۈرۈلگەن . ئەلۋەتتە گوگىل ئۇيغۇرچە تەرجىمانىنىمۇ ئىشلەتكەچ ،يوق خەتلەرنى كىرگۈزۈپ ماڭدىم باشقا دوسلارنىڭمۇ كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن،چۈنكى ئوخشاش تەرجىمە ئوندىن ئارتۇق ئادەم كىرگۈزگەندە ئاندىن ئۇلار ئىشەنچىلىك دەپ ئاندىن ئۇنى ئىشلىتىشكە چىقىرىدىكەن ،باشقا تەرجىمە تىللارغا قارىساق نۇرغۇن بىر سۆزنىڭ نۇرغۇن مەنىلىرى چىقىرىلغان ،ھەممەيلەننىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىل ئۆگىنىشتە ئاڭلاش ،سۆزلەش،گرامماتىكا،ئوقۇش يېزىش قاتارلىق تۈرلەر بىرلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ ئۇزۇنراق ۋاقىت چىقىرالايدىغانلارغا قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ،ئۇيغۇر ئۇچۇر تىخنىكىسى قانىلىسى ۋە ئەركىن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش يۇتۇپ قانىلىغا ئەزا بۇلۇپ، ئۇخلاۋاتقاندىمۇ ئۆگىنىشىڭىزلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن،يۇۋتۇبدا نۇرغۇنلىغان تىللارنىڭ ئىنگىلىزچە سۆز ئۆگىنىش ۋىدىيولىرى بۇلۇپ سىز ياخشى بىلىدىغان چەتئەل تىلى بىلەن ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئۆگەنسىڭىز ،چوقۇم ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز:
https://youtu.be/QT_tCa3KEEA
ئىنشائاللا بىزمۇ ئۇيغۇرچە ئىنگىلىزچە سۆزلۈكلەرنى يۇتۇبقا يوللايمىز ,بۇ جەھەتتە بىزنىڭ بەك ئازكەن ياكى يوقكەن.(ياردەمچى بولالايدىغانلا ئۇچۇر قىلىڭ)ئۆگىنىپ بۇلۇپ ئىنگىلىزچە سۆزلەپ تىلفۇنىڭىزغا ئاۋازىڭىزنى ئېلىپ تەلەپپۇزىڭىزنى توغۇرلىشىڭىزنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەلۋەتتە مەن بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئاكادېمىك ئىنگىلىز تىلىدا ،35ياشتىن ئاشقاندا ،ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىغىلى ئەمدى بىر يىل بولغان ( بىر يىل بۇرۇن يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا تېلېۋىزوردىن كىنو كۆرۈپ ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىمەن ،دەپ ئىككى ئاي تېلېۋىزور كۆرۈپ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي،«ئامېرىكا ئىنگىلىز تىلى »نېمانداق تەستۇر دەپ ئىككى ئايدىن كىيىن مەكتەپكە ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگىلى بېرىپ ،ئۆزەمنىڭ ئىككى ئاي ئامېرىكا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىمەن دەپ ئىسپانچە كىنو كۆرۈپ يۈرگەنلىكىمنى بىلگەن ئىنگىلىز تىلى سەۋىيە تۆۋەن)بىرى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن خاتالىقلار كۆپ بۇلىشى مۇمكىن،مەن پەقەت ئۆزۈم ئۆگىنىشىم ئۈچۈن ۋە ئەتراپتىكىلەر توغرا كەلگەنلەرنىڭ پايدىلنىش ئۈچۈن لوغەتلەردىن رەتلەپ يېزىپ قويدۇم .بۇنى ئاكادېمىك دەرىجىگە كۈتۈرۈپ تەنقىد قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەر كۆپ بولغاچ ھەم ئىنگىلىز تىلىنىڭمۇ شەكىلداش سۆز ۋە كۆچمە مەنىلىرى كۆپ بولغاچ بىر تال سۆزنىڭ ھەرخىل ئوخشىمىغان مەنىلىرى يېزىلدى،ئالدىغا سۆز تۈركۈمىنىڭ ئالدىنقى قىسقارتىلما ھەرىپى يېزىلغان بۇلۇپ بەزى ئىنگىزتىلى سۆزلىرىنىڭ ھەرخىل مەنىلىرى ياكى ھەر خىل سۆز تۈركۈمگە تەۋە ھالەتلىرى بولغاچقا تەكرارلىنىش ھالەتلىرى مەۋجۇت، ئەڭ قولىنىشچان مەنىسىنى ئۆگىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەكرارلىنىشچان ئىنگىلىزچە 5000 سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تۆۋەندىكى ئاددرىستىن چۈشۈرىۋىلىڭ:
https://docs.google.com/file/d/1d02xwpPE__8D4a_Hd-HSNj74Qy8gs8ph/edit?usp=docslist_api&filetype=msword