Selenium بولسا سۈپەت تەكشۈرۈشنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇشتا توربەت كۆرۈنمە يۈزىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ئ‍ۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئوچۇق كودلۇق رامكا (Framework).  بىز Selenium نى ئىشلىتىش ئارقىلىق توربەتتىكى ئېلىمىتلارنى تاپالايمىز ۋە ئۇلار ئۈستىدە ھەرخىل ئىشلارنى ئىلىپ بارالايمىز. Selenium دىكى توربەت ئېلىمىنتلارنى تاپقۇچىنى ئىنگىلىزچىدە Locators دەيمىز. بىز بۇ Locators لارنى ئىشلىتىپ توربەتتىكى ئېلىمىنتلارنى تاپالايمىز. ئۇنداقتا بىز Selenium دىكى locators لارغا قاراپ باقايلى.

 

1.ID:  بۇ بولسا HTML دىكى ئېلىمىنتنىڭ خاسلىقى id غا بېرىلگەن قىممەتنى ئىشلىتىپ ئېلىمىتنى تېپىش ئۇسۇلى. 

2.classname:  بۇ بولسا HTML دىكى ئېلىمىنتنىڭ خاسلىقى class قا بېرىلگەن قىممەتنى ئىشلىتىپ ئېلىمىتنى تېپىش ئۇسۇلى.

3.name:  بۇ بولسا HTML دىكى ئېلىمىنتنىڭ خاسلىقى name گە بېرىلگەن قىممەتنى ئىشلىتىپ ئېلىمىتنى تېپىش ئۇسۇلى. 

4.tagName:  بۇ بولسا HTML دىكى ئېلىمىنتنلارنىڭ tag ئىسمىنى ئىشلىتىپ ئېلىمىتنى تېپىش ئۇسۇلى. 

5.linkText:  بۇ بولسا HTML دىكى ئادرىس بەلگىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن anchor تېگى يەنى a نىڭ ئىچىدىكى خەتنى بېرىش ئارقىلىق  ئېلىمىتنى تېپىش ئۇسۇلى. 

6.partialLinkText:  بۇ بولسا HTML دىكى ئادرىس بەلگىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن anchor تېگى يەنى a نىڭ ئىچىدىكى خەتنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى بېرىش ئارقىلىق  ئېلىمىتنى تېپىش ئۇسۇلى. 

7.cssSelector:  بۇ بولسا HTML دىكى ئېلىمىتلارغا بېرىلگەن css ئىسىملىرى (يەنى بۇ class ۋە id نى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ)  ۋە خاسلىقلىرى ئارقىلىق  ئېلىمىتنى تېپىش ئۇسۇلى. 

8.Xpath:  بۇ بولسا XML يول تېپىش ئۇسۇلى ئارقىلىق HTML  قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىش ئ‍ارقىلىق ئېلىمىتلارنىڭ ئورنىنى تېپىش ئۇسۇلى.