Selenium دىگەن نىمە؟

Selenium  بولسا ئوچۇق كودلۇق تور كۆرگۈزگۈچنى سىناش ۋە  ئ‍اپتۇماتلاشتۇرۇش ئ‍ۈچۈن ئىشلىتىدىغان رامكا (Framework).  بىز Selenium ئارقىلىق تور كۆرۈنمە يۈزىنى سىنالايمىز ۋە ئاپتۇماتلاشتۇرالايمىز. Selenium ئوچۇق كودلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل تۆلىمەيسىز. ئۇ يەنە كۆپلىگەن پىرۇگرامما تىللىرى مەسىلەن: C#, Groovy, Java, Perl, PHP, Python, Ruby, Scala قاتارلىق پىرۇگرامما تىللىرىنى قوللايدۇ. Selenium نى مەشغۇلات سېستىمىسىغا باغلىنىپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن بىز Windos, Mac OS, Linux  قاتارلىق مەشغۇلات سېستىملىرىدا ئىشلىتەلەيمىز.

Selenium تۆت خىل بولۇپ ئۇلار: Selenium IDE، Selenium Remote Control، Selenium WebDriver، Selenium Grid

Selenium IDE :سەلەنىيۇم IDE (توپلاشتۇرۇلغان تەرەققىيات مۇھىتى) بولۇپ،  Selenium ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق قورالى. Selenium بولسا Firefox ۋە Chrome قىستۇرمىسى ( Add-On) سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان. ئۇ ئىقتىدار سىناقلىرىنى خاتىرىلەش ( Record ) ، تەھرىرلەش (Edit)  ۋە تەكشۈرۈش (Debug)  ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

Selenium Remote Control: سەلەنىيۇم يىراقتىن كونترول قىلىش (RC) مۇلازىمېتىر بولۇپ ، Java دا يېزىلغان ، HTTP ئارقىلىق توركۆرگۈچنىڭ بۇيرۇقلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. RC ھەر قانداق پروگرامما تىلىدا تور قوللىنىشچان پروگراممىسى ئۈچۈن ئاپتوماتىك سىناق يېزىشنى مۇمكىن قىلىدۇ ، بۇ Selenium نى ھازىرقى ئورۇن سىناق رامكىسىدا تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرەلەيدۇ. يېزىقچىلىق سىنىقىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، Selenium تۈرى نۆۋەتتە PHP ، Python ، Ruby ، ​​.NET ، Perl ۋە Java ئۈچۈن خېرىدار قوزغاتقۇچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. Java قوزغاتقۇچنى JavaScript ئارقىلىقمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ (Rhino ماتورى ئارقىلىق). Html سىناق قېپىنى قوزغىتىش ئۈچۈن Selenium RC مۇلازىمېتىرىگە سىناق ئ‍ۆرنەكك ( Test Cases) لازىم - بۇ ھەر بىر پاراللېل ئىجرا قىلىشتا پورتنىڭ ئوخشىماسلىقى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، Java / PHP سىناق قېپى ئۈچۈن پەقەت بىرلا Selenium RC مىسالى ئۇدا ئىجرا بولۇشى كېرەك.

Selenium WebDriver: Selenium WebDriver بولسا Selenium RC نىڭ ۋارىسى. Selenium WebDriver بۇيرۇقلارنى قوبۇل قىلىدۇ (Selenese ياكى Client API ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ) ۋە ئۇلارنى تور كۆرگۈچكە ئەۋەتىدۇ. بۇ توركۆرگۈچكە خاس توركۆرگۈچ قوزغاتقۇچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ، ئۇ توركۆرگۈچكە بۇيرۇق ئەۋەتىدۇ ۋە نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. كۆپىنچە توركۆرگۈچ قوزغاتقۇلىرى ئەمەلىيەتتە تور كۆرگۈچ قوللىنىشچان پروگراممىسىنى قوزغىتىدۇ ۋە زىيارەت قىلىدۇ (مەسىلەن Firefox ، Google Chrome ، Internet Explorer ، Safari ياكى Microsoft Edge). بۇ يەردە يەنە HtmlUnit توركۆرگۈ قوزغاتقۇسى بار ، ئۇ باشسىز تور كۆرگۈچ HtmlUnit ئارقىلىق توركۆرگۈچنى تەقلىد قىلىدۇ.

Selenium Grid: Selenium Grid مۇلازىمېتىر بولۇپ ، يىراقتىكى ماشىنىلاردا ئىجرا بولىدىغان توركۆرگۈچ مىساللىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ. Selenium تورى بىلەن بىر مۇلازىمېتىر تۈگۈن رولىنى ئوينايدۇ. سىناقلار توركۆرگۈچ مىسالىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. بۇ مەركىزىدە توركۆرگۈچ مىسالى (WebDriver تۈگۈنى) نى زىيارەت قىلىدىغان مۇلازىمېتىرلار تىزىملىكى بار ، سىناقلارنىڭ بۇ مىساللارنى ئىشلىتىشىگە يول قويىدۇ. Selenium Grid كۆپ خىل ماشىنىلاردا پاراللېل ھالدا سىناق ئېلىپ بارالايدۇ ۋە ئوخشىمىغان توركۆرگۈچ نۇسخىسى ۋە توركۆرگۈچ سەپلىمىسىنى مەركەزلىك باشقۇرىدۇ.

شىركەتلەر تور بەتلەرنى سىناش ۋە ئاپتۇماتلاشتۇرۇشتا Selenium WebDriver نى، سىناق ئۆرنەكلىرىنى ( Test Case)  لىرىنى پارالىل ئىجرا قىلىشتا بولسا Selenium Grid نى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. بىز بۇ سەۋەبتىن Selenium WebDriver ھەققىدىكى دەرسلەرنى ۋە يازمىلارنى كۆپرەك يوللاشنى ئويلىدۇق. بۇ يازمىدا بولسا Selenium WebDriver نى قانداق چۈشۈرۈش ۋە قانداق ئىشلىتىش توغۇرسىدا ئۇچۇرلارنى بەرمەكچى. 

Selenium WebDriver نى چۈشۈرۈش ئۈچۈن Selenium نىڭ ئورگان توربىتىنى ئاچىمىز. ئورگان تور بەت ئادرىسى: www.selenium.dev

ئورگان تور بەتكە بارغاندىن كىيىن توربەتتىن Selenium WebDriver نى چۈشۈرۈش ئورنىنى باسىمىز . چۈشۈرۈش ئادرىسى : www.selenium.dev/downloads

چۈشۈرۈش تور بېتىنى ئاچقاندىن كېيىن قايسى پىرۇگرامما تىلىدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شۇ پىرۇگرامما تىلىدا ئىشلىتىشكە بولغان ھۆججىتىنى چۈشۈرسىز، بىز جاۋا پىرۇگرامما تىلىنى ئىشلەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن جاۋانى تاللاپ، selenium نىڭ JAR ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرىمىز. چۈشۈرۈش ئادرىسى تۆۋەندىكىچە:

https://selenium-release.storage.googleapis.com/3.14/selenium-dotnet-3.14.0.zip 

بىز selenium نى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيبن selenium نىڭ قوزغىتىش ئۈچۈن تور كۆرگۈزگۈچ قوزغاتقۇچلىرىنى چۈشۈرىمىز، گوگىلنىڭ Chrome  تور كۆرگۈزگۈچى ئۈچۈن ChromeDriver ، ۋەياكى Firefox ئۈچۈن Mozilla نىڭ geckodriver نى چۈشۈرىمىز. سىز قايسى تور كۆرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشىڭىزغا قارىتا قوزغاتقۇچنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. مەن گوگىلنىڭ Chrome نى ئىشلەتكەنلىكىم ئۈچۈن ChromeDriver نى چۈشۈرىمەن. چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://chromedriver.chromium.org/downloads

ئىشلىتۋاتقان Chrome تور كۆرگۈزگۈچنىڭ نەشىرىگە قارىتا قوزغاتقۇچنى چۈشۈرىمىز، مېنىڭ چۈشۈرگىنىم بولسا: https://chromedriver.storage.googleapis.com/index.html?path=86.0.4240.22 بولۇپ، سىز بۇ توربەتكە كىرگەندىن كىيىن قايسى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتۋاتقان بولسىڭىز شۇنىڭغا ئائىت قوزغاتقۇچنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. مەن Mac ئىشلەتكەنلىكىم ئۈچۈن Mac نى تاللىدىم ۋە چۈشۈردۈم.

بىز لازىملىق بولغان Selenium WebDriver بىلەن ChromeDriver نى چۈشۈرۈپ بولدۇق، ئەمدى قىلدىغان ئىشىمىز بولسا كود يېزىش مۇھىتىنى ئىچىپ، يېڭى بىر تۈر قوشۇش قۇرۇش ۋە تۈرنىڭ ئىچىگە Selenium WebDriver نى قوشۇش.Eclipse نى ئېچىپ يېڭى تۈر(project) قۇرغاندىن كېيىن قۇرغان تۈرنى تاللاپ ماۋۇسنىڭ ئ‍وڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئەڭ ئاستىدىكى خاسلىق ( Properties) نى باسىمىز. تۈرنىڭ خاسلىق ئىكرانى ئىچىلغاندىن كىيىن Java Build Path نى تاللايمىز، تاللاپ بولغاندىن كېىيىن Libraries نى باسىمىز، Libraries نى باسقاندىن كىين Add External JARS نى بېسىپ بايام چۈشۈرگەن Selenium WebDriver بىڭ Jar ھۆججەتلىرىنى قوشساق بولىدۇ. بۇ جەريانلارنى قىلالمىسىڭىز يۇتۇپ قانىلىمىزدا سۆزلىگەن Selenium يۈرۈشلۈك دەرىسىنىڭ ئىككىنجى قىسمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنداقتا بىز يېڭى بىر package ۋە Class  قۇرۇپ تۇنجى selenium كودىمىزنى يېزىپ باقايلى.

 

import org.openqa.selenium.*;
import org.openqa.selenium.chrome.ChromeDriver;

public class SeleniumCoding{

	public static void main(String[] args) {

	    System.setProperty("webdriver.chrome.driver", "/path/to/chromedriver");

	    WebDriver driver = new ChromeDriver();
	    driver.get("http://www.google.com/");
	    
	    driver.close();
	}
}