ئالدىنقى يازمىلاردا نەشىر كونترول سېستمىسى ھەققىدە توختىلىپ ئ‍ۆتكەن ۋە پىرۇگراممىرلىق ساھەسىدە كەڭ جەھەتتە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئ‍ۆتكەنتۇق. git بولسا تارقاقلاشتۇرۇلغان نەشىر كونترول سېستىمىسى بولۇپ، يازغان كودلاردىكى ئ‍ۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈش ئ‍ۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىز git ئارقىلىق يەرلىك ئامباردىكى ( local repository) ياكى يىراق ئامباردىكى ( remote repository) دىكى كودلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرەلەيمىز. بۇ يازمىدا بولسا دەسلەپكى git بۇيرۇقلىرىنى ئۈگىنىپ ئۆتىمىز. كومپىيۇتېرىڭىزدا git بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم كومپىيۇتېرىڭىزغا git نى چۈشۈرشىڭىز كېرەك. چۈشۈرۈش ئ‍ۈچۈن تۆۋەندىكى توربەتكە كىرىپ git نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلشىڭىز كېرەك. 

چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://git-scm.com/downloads

بىز git نى كومپىيۇتېرىمىزغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلىنىپ قاچىلانمىغانلىقىنى git نىڭ نەشىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلەلەيمىز. 

git نىڭ نەشىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق بولىدۇ.

git --version

git نىڭ نەشىرىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىز مەلۇم بىر تۈرگە git نى ھاسىل ( initialize )  قىلدۇرىشىمىز، git نى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال تۈرنىڭ ( project) نىڭ ئانا ھۆججەت رايۇنىغا كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، يېڭى تۈرگە git نى ھاسىل قىلساق ياكى قۇرساق بولىدۇ. 

git init

بىز git نى قىلماقچى بولغان تۈرىمىزگە ھاسىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۈرگە ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ، ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تۈرىمىزدە ( project ) قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق كۆرەلەيمىز.

git status

بىز تۈرىمىزگە ئۆزگەرتىشنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ ئۆزگەرتىشلەر ئىشلەۋاتقان رايۇن ( working directory ) دا بولىدۇ، بىز بۇ ئۆزگەرتىشلەرنى ئىشلەۋاتقان رايۇندىن يەرلىك ئامبارغا ساقلاش ئۈچۈن ئىككى باسقۇچتىن ئ‍ۆتىمىز، يەنى ئىشلەۋاتقان رايۇندىن كودلارنى  سەھنە رايۇنى (staging area) غا ساقلايمىز، staging area غا ساقلىغان كودلارغا باھا سۆزى يېزىش ئارقىلىق يەرلىك ئامبارغا ساقلايمىز. بىز بۇ جەريانلارنى تۆۋەندىكى بۇيرۇقلار ئارقىلىق قىلىمىز.

1. staging area  غا ساقلاش

//ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن مەلۇم بىر ھۆججەتنى ساقلاش ئۈچۈن 
git add hujjet_ismi
//ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بارلىق ھۆججەتلەرنى ساقلاش ئۈچۈن
git add .

بىز ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ھۆججەتلەرنى staging area غا ساقلاپ بولغاندىن كېيىن باھا سۆزى يېزىش ئارقىلىق يەرلىك ئامبارغا يوللايمىز، بۇ باسقۇچنى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.

git commit -m "baha sozini bu yerge yazisiz"

 

بىز يۇقارىقى بۇيرۇقلار ئارقىلىق مەلۇم بىر تۈرگە git نى ھاسىل قىلىپ، ھاسىل قىلغان تۈردە ھەرخىل ئ‍ۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارالايمىز، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ھۆججەتلەرنى يۇقىرىقى ئ‍ىككى باسقۇچ ئارقىلىق يەرلىك ئامبارغا يوللالايمىز. ئۆزگەرتىشلەرنى يەرلىك ئامبارغا ساقلاپ بولغاندىن كېيىن git status بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىسىڭىز ئىشلەۋاتقان رايۇنىڭىز يەنى working directory نىڭ پاكىزلانغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.