خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىدىغان ئاددىي ئۇسۇللار
1. ئىككى ئامىل دەلىللەش قوزغىتىڭ
مەيلى فەيسبۇك، تىۋىتىر ياكى ئىلخەت ئىشلىتىڭ، ھەممىسىە ئىككى ئامىل دەلىللىش ئىقتىدارى بار، چوقۇم ئۇلارنى قوزغىتىڭ. خاككىرلار كومپىيۇتىرىڭىزدا فەيسبۇك، تىۋىتىر ياكى ئىلخەت ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە تىلفۇنىڭىزدىمۇ ئىككى ئامىل دەلىللەشكە دۇچ كىلىدۇ.
2. ھەرگىز ئوخشاش مەخپىي نومۇر ئىشلەتمەڭ
بۇ ئېنتايىن تەس، خاككىرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىيەلىنەي دىسىڭىز ھىچقايسى ئىككى ئاككونتىڭىزغا ئوخشاش مەخپىي نومۇر ئىشلەتمەڭ.
3. كومپىيوتىر ياكى تىلفۇنىڭىزنىڭ يۇمىشاق دىتاللىرىنى يىڭىلاپ تۇرۇڭ
ئىشلىتىۋاتقان ھەرقانداق يۇمشاق دىتاللارنىڭ يوچۇقلىرى بولىدۇ. شۇنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار شۇ ۋەجىدىن يىڭى نەشىرلىرىنى يىڭىلاپ تۇرىدۇ. ۋىندوۋس سىستىمىسى ياكى مەك ئىشلىتىڭ ۋە ياكى كىروم تور كۆرگۈچ ئىشلىتىڭ ، ھەتتا ئادوبى، جاۋا، ئىشخانا قاتارلىق قايسى يۇمىتال ئىشلىتىڭ, ھەرۋاقىت نەشىرىنىڭ يىڭىلاپ تۇرۇڭ، شۇندىلا يوچۇقلار ئىتىلىدۇ.
4.ئىجدىمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرىگە دىققەت قىلىڭ
تىۋىتىر، ئىنستىگىرام ياكى فەيىسبۇكتا يازما يوللايدىغان ۋاقتىڭىزنىمۇ مۇقىم قىلىۋالماڭ. خاككىرلار سىزنىڭ فەيىسبۇك ياكى تىۋىتىرغا قاچان بىر نەرسە يوللايدىغانلىقىڭىز ، نېمە يوللايدىغانلىقىڭىزغا ئاساسەن تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە ئىرىشەلەيدۇ، شۇندىلا سىزگە ھەل قىلمىسىڭىز بولمايدىغان سۈنئىي بىر ئىجدىمائىي ئىھتىياج بەرپا قىلىدۇ. مەسىلەن سىز فەيسبۇك ياكى ئىنستىگىرامغا ئامازوندىن ئالغان بىرسە چىقىرىپ قويسىڭىز، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىزگە ئامازون نامىدا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ، مەلۇم مەشخۇلات قىلىشقا كۆرسەتمە بىرىدۇ. ئەگەر فەيسبۇكتا سىزگە ناتۇنۇش بىرى ئۇچۇر يازسا، قايتۇرسىڭىزلا ئاي پى ئاددرىسىڭىزنى بىلەلەيدۇ. ناتۇنۇش ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇرىغا قايتۇرماڭ.
5.شەخسىي ئۇچۇرلارنى قەتئىي ئاشكارلىماڭ
ئىسمىڭىز، تۇغۇلغان كۈن، ئىشلەيدىغان ئىدارە، تىلفۇن نومۇر، چىنىقىش سارىيى، ياخشى كۆرىدىغان تاماق ھەتتا رەڭ، ئىشلىتىدىغان بانكا قاتارلىق ھىچقايسىسىنى ئاشكارلىماڭ.