كومپىيۇتېر تېخنىكىسىدا Shell بۇيرۇقلىرى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ. سىز Shell بۇيرۇقلىرى بىلەن ئادەتتىكى بىر ھۆججەت قىسقۇچى قۇرۇشتىن تارتىپ بىر مۇلازىمىتىرنى باشقۇرۇشقا قەدەر ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىشلارنى قىلالايسىز. مەن بۇ يازمامدا سىلەرگە كومىپىيۇتېر تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ قوللىندىغان Shell بۇيرۇقلىرىنى كۆرسەتمەكچى. سىز بۇ بۇيرۇقلار ئارقىلىق كومپىيۇتېردا بەزى ئىشلارنى ئاسانلا قىلالايسىز. بەلكىم سىز بىز بۇ بۇيرۇقلارنى ئىشلەتمەيمۇ ئوخشاش كۈرۈنمە يۈز ئارقىلىق قىلالايمىز دىيىشىڭىز مۇمكىن، توغرا بەزى ئىشلارنى سىز كۈرۈنمە يۈز ئارقىلىىق قىلالىغان بىلەن، ئوخشاش ئىشنى مۇلازىمىتىر تەرەپتە قىلماقچى بولغاندا كۈرۈنمە يۈزى يوق بولغانلىقىدىن Command Line Interface يەنى CLI ئارقىلىق قىلىشقا مەجبۇرى بولسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بۇيرۇقلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقارتىپ بۇ بۇيرۇقلارغا قاراپ باقايلى.

ls: سىز تۇرۋاتقان ھازىرىقى ھۆججەت خالتىسدىكى بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت خالتىلىرىنى كۆرستىدۇ.

ls -al: بارلىق ھۆججەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خاسلىقلىرىنى تەڭ كۆرستىدۇ.

cd: سىزنىڭ ئورنىڭىزنى(Directory) ئالماشتۇرىدۇ.

cd /usr/local/apache : سىزنىڭ تۇرۋاتقان يېرىڭىز (Directory)دىن  apache دىگەن ھۆججەت خالتىسىغا ئاپىرىدۇ.

~ cd : سىزنى ئانا ھۆججەت خالتىسىغا (Home Direcotry) غا يۆتكەيدۇ.

-cd : سىزنى ئەڭ ئاخرىقى قېتىم تۇرغان ھۆججەت خالتىسىغا يۆتكەيدۇ.

.. cd: بىر ئالدىدىكى ھۆججەت خالتىسىغا يۆتكەيدۇ.

cat:  بىر ھۆججەتنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

tail: بۇ پەقەت ھۆججەتنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

tail /var/log/messages: بۇ messages نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى 20 قۇر ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

tail -200 /var/log/messages: بۇ messages نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى 200 قۇر ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

more: بۇ ھۆججەتنى ئىچىپ ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

cat filename.txt: ھۆججەت ئ‍ىسمى filename.txt بولغان ھۆججەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

rm: ھۆججەت ئۆچۈرۈش

rm filename.txt : ھۆججەت ئ‍ىسمى filename.txt بولغان ھۆججەتنى ئۆچۈرىدۇ. ( سىز ھۆججەتنىڭ ئىسمىغا ئ‍ۆزىڭىز ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ئىسمىنى يازىسىز)

rm -f filename.txt : سىزدىن جەزىملەشتۈرۈش ئالمايلا ھۆججەت ئىسمى filename.txt بولغان ھۆججەتنى ئۆچۈرىدۇ. 

rm -rf tmp/ : ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى ساقلايدىغان ھۆججەت خالتىسى tmp نى ئۆچۈرۋىتىدۇ. ( ئامال بار بۇ ھۆججەت خالتىسىنى ئۆچۈرمەڭ)

touch: يېڭى ھۆججەت قۇرۇش

touch /home/burst/public_html/404.html: بۇ /home/burst/public_html/ ئورۇنغا 404.html ئىسىملىك ھۆججەت قۇرىدۇ.

 

داۋاملىق قوشۇلىدۇ.