CSS دېگەن نېمە؟

CSS ئىنگىلىز تىلىدىكى Cascading Style Sheets نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، CSS ئارقىلىق بىز HTML ھۆججەتلىرىنىڭ، ئېلىمىتلارنىڭ تور بەتتە، ئېكراندا  قانداق ھالەتتە كۆرسىتىلدىغانلىقىنى بەلگىلەيمىز. CSS نۇرغۇن ۋاقىتنى ۋە ئارتۇقچە ئىشلارنى تېجەيدۇ. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل تور بەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كونترول قىلالايدۇ. HTML سىرتىدا يېزىلغان ئۇسلۇپ جەدۋىلى CSS ھۆججىتىدە ساقلىنىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز HTML ئارقىلىق بىر ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى ياسىغان بولساق، CSS ئارقىلىق ئۆينىڭ قانداق شەكىلدە كۆرۈنىشىنى، قايسى ئورۇندا نىمىلەرنىڭ بولىشىنى، ئۆيدىكى ھەربىر ئۈسكەنلەرنىڭ قەيەردە تۇرىشىنى، ئۆينىڭ رەڭگىنى، ئۆيگە قويۇلغان ئەسۋاپلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ۋە چوڭ - كىچىك ئۆيلەرگە قارىتا قويماقچى بولغان كارۋات ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.

CSS نى بىز مەلۇم بىر html دىكى tag يەنى ئېلىمىتنىڭ ئىچىگە style دىگەن خاسلىقنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يازالايمىز ياكى CSS نى HTML بەتتىكىنىڭ ئىچىدىكى head نىڭ ئىچىگە style تېگىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق CSS نى يازالايمىز، بىز يەنە ئايرىم CSS ھۆججىتىنى قۇرۇپ ( مەسىلەن:style.css ) شۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىگە css نى يازغاندىن كېيىن ئىشلەتمەكچى بولغان HTML بەتتىكىنىڭ ئىچىدىكى head نىڭ ئىچىگە link نى ئىشلىتىش ئارقىلىق يازغان CSS ھۆججىتىنى چاقىرىش ئارقىلىقمۇ ئىشلىتەلەيمىز. كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تور بەت كۆرۈنمە يۈزىنى لايىھلەپ چىقىمىز.

selector

CSS  مىسالى:

body {
  background-color: lightblue;
}

h1 {
  color: white;
  text-align: center;
}

p {
  font-family: verdana;
  font-size: 20px;
}

بۇ CSS نى CSS ھۆججىتىدە يېزىپ بولغاندىن كىيىن HTML  ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى heaed نىڭ ئىچىگە link نى يېزىش ئارقىلىق ئۇلىسڭىز بولىدۇ.