بۇ پاسسىپ كىرىمگە كىرىدۇ. پاسسىپ كىرىم ئىجارە ئۆي ، چەكلىك ھەمكارلىق ياكى ئادەم ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشمىغان باشقا كارخانىدىن كەلگەن كىرىمنى كۆرسىتىدۇ. زاغرا تىل بىلەن ئيېتقاندا، سىز ئىشلىمىسىڭىزمۇ كىرىم كىرىۋېرىدۇ. بىز بۇ يازمىدا دەل شۇ خىلدىكى كىرىم ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
تېسىپرىڭ بولسا ھەقسىز سۇپا بولۇپ ، سىزگە 50 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى بەرپا قىلىشقا ۋە سېتىشقا يول قويىدۇ ، ھېچقانداق خىراجەت ۋە خەتەر يوق. بېسىپ چىقىرىشتىن تارتىپ توشۇشقىچە بولغان خېرىدارلار مۇلازىمىتىگىچە ھەممىسىنى بۇ توربىكەت بىر تەرەپ قىلىدۇ. تېسىپرىڭ ھەممە ئادەم ئۈچۈن قۇرۇلغان. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردىن تارتىپ ، مەستانىلىرىگە مەھسۇلات ساتماقچى بولغان ھەرقانداق كىشىگە قالتىس سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تېسىپرىڭ سىزگە ھەر قانداق جايدا ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى مەھسۇلات ، ماركا ۋە كارخانىغا ئايلاندۇرۇشقا ياردىمى تېگىدۇ. توردا سېتىشتىكى ئاۋارىچىلىقى بولمايدۇ . سىزگە مەھسۇلات يارىتىش ، توردا سېتىش ، زاكازنى ئورۇنداشتىن تارتىپ خېرىدارلار مۇلازىمىتىگىچە بولغان ھەر بىر باسقۇچقا ياردەم بېرىدۇ.
تېسىپرىڭدا مايكا، ئىستاكان،پايپاق ياكى ياستۇق لاھىيىلەپ، دۇكىنىغا قويىسىز ئاندىن سېتىلغان كىرىم بىۋاستە سىزگە كىرىدۇ. بىر قېتىم لاھىيىلەپ قويسىڭىز سىز ئۈچۈن تېسىپرىڭنىڭ دۇكىنىدا تۇرىۋېرىدۇ.
بارلىق مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ سېتىش باھاسى ۋە پايدىسىنى تاللايسىز. مەھسۇلات ساتقاندا پايدىنى ساقلاپ قالىسىز. مەسىلەن ، مايكىنىڭ ئاساسى باھاسى 10 دوللار ، سېتىش باھاسىڭىز 24 دوللار. بۇ مايكا سېتىلسا ، 14 دوللار تاپالايسىز. زاكاز بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ، سىزنىڭ پايدىسىڭىز تېسىپرىڭدىكى ھېساباتىڭىزنىڭ چىقىم قىلىش بۆلىكىدە پۇل ئالالايسىز. تېسىپىرىڭنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىز. لاھىيەلەشتىن تالانتىڭىز بولسا، سودىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تېسىپرىڭدا بىر مايكىدىن يۈزمىڭ دوللار كىرىم قىلغانلار بار. ئەلۋەتتە سىزنىڭ لاھىيەلەش ئىقتىدارىڭىز ۋە مودىغا ماسلىشىش دىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
توربىكەتنىڭ ئاددرىسى: https://teespring.com/