داكداكگو ھەققىدە
بىز شەخسىي ئۇچۇرنىڭ مۇھىملىقىنى تازا تونۇپ يەتمىدۇق. بەزىلەرنىڭ « بىز مۇھىم ئادەم بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلىسا مەيلىغۇ» دىگەن ئۆزىنى كەمسىتىشلىرى ئەقلىمىزنى لال قىلىدۇ. ئۆتكەندە تىكتوك [دوۋيىن]نىڭ شەخسىي ئۇچۇر ئوغۇرلىغانلىقىنى ۋىدىئولۇق ئىسپاتى بىلەن يوللىساق، بىرەيلەننىڭ «بىزنى قورقۇتمىسىلا» دىگەن ئېنكاسىدىن يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمىدۇق. شۇنداقتىمۇ يەنىلا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دائىر يازمىلارنى يوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ،داكداكگو ھەققىدە توختالماقچىمىز.
داكداكگو ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى بولۇپ ، ئۇ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ۋە خاسلاشتۇرۇلغان ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ سۈزگۈچ كۆپۈكىدىن ساقلىنىشنى تەكىتلەيدۇ. داكداكگو باشقا ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئابونتلىرىنى ئارخىپلاشتۇرماسلىق ۋە مەلۇم ئىزدەش سۆزى ئۈچۈن بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە ئوخشاش ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى پەرقلەندۈرىدۇ.
2020-يىلى 6-ئايغىچە ، داكداكگودا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 62 مىليون 940 مىڭ 415 قېتىم ئىزدەش ئېلىپ بېرىلدى. داكداكگو ئۆزىنى مەخپىيەتلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئىزدەش ماتورى قىلىشنى نىشانلىغان ، بۇنداق بولغاندا ئۇ IP ئادرېسنى ساقلىمايدۇ ، ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرىنى خاتىرىلىمەيدۇ ۋە ئېھتىياجلىق بولغاندا ساقلانمىلارنى ئىشلىتىدۇ. داكداكگونىڭ قۇرغۇچىسى گابرىئېل ۋېينبېرگ مۇنداق دېدى: «سۈكۈتتىكى ھالەتتە ، داكداكگو شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىمايدۇ ياكى ئورتاقلاشمايدۇ. بۇ قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىز».
داكداكگودە بىر نەرسە ئىزدىسڭىز باشقا يەرلەردە شۇ ئىزدىگەن نەرسىنىڭ ئېلانى چىقىۋالمايدۇ. شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن داكداكگونى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت ئىزدەش ماتورى، كومپىيوتىرىڭىزنى خاككىرلىق ياكى ۋىرۇستىن قوغدىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقلىق ۋىرۇسخور ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تۆۋەندىكىسى داكداكگونىڭ ئاددرىسى:
https://duckduckgo.com